خىتايدىكى ئالتە ئايال پەيشەنبە كۈنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەتگاھى بولغان جۇڭنەنخەينىڭ يېنىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چېرىكلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئالتە ئايال ئۆگزىگە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىدىغان پىلاكاتلارنى ئئېسىپ، لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك سوت ، تەپتىش ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ پارىخور، يالغانچىلىقىنى ئەيىبلىگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇلار نامايىشنى باشلاپ يەتتە سائەتتىن كىيىن،ساقچىلار ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەن.
خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكىنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن خەلق نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارلىشىچە، ئۆتكەنكى 20 يىل جەريانىدا، خىتاينىڭ تۆت مىڭدەك پارىخور ئەمەلدارلىرى جەمئى 600 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى ئېلىپ چەتئەلگە قاچقان. (ئارزۇ)