بېيجىڭدا خىتاي دېھقانلار نامايىش ئۆتكۈزدى


2004.08.20

تەخمىنەن 500 دەك خىتاي دېھقان جۈمە كۈنى بېيجىڭنىڭ شۈنيى رايونىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر يەر مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يەرلەرگە قوشۇمچە تۆلەم پۇلى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار بېيجىڭ خەلقئارا مەكتىپىگە ئۆتىدىغان يوللارنى توساپ شوئار توۋلىغان، قىزىل لوزۇنكىلارنى ئاسقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا نامايىشچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي قۇرۇلۇش دائىرىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسەتكەن

. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ناميىشچىلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بېيجىڭدىكى تيانجۇ دەپ ئاتالغان بىر يەر مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى دېھقانلارنىڭ نەچچە يۈز مو يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، ھەشەمەتلىك ئائىلىلەر ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلغان. خىتايدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ دېھقانلار ۋە ياكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنى، تېرىلغۇ ئېتىزلىرىنى ئۆزىنى خالىغان باھادا ئېلىۋېلىپ ، بۇ جايلارغا چوڭ كۆلەمدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال.

بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دېھقانلارنىڭ يەر مۈلكىنى بېيجىڭدىكى جوڭكېن دەپ ئاتالغان بىر شىركەت مەجبۇرىي سېتىۋالغان. سېتىشنى رەت قىلغانلار ئۈرۈمچىگىچە داۋا قىلىپ بارغان بولسىمۇ ئاقمىغانىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى جوڭكېن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ قەشقەر ۋە ئاتۇشلاردا يەر- زېمىن، ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشغا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ماسلىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.