رويتىرس ئاگىنتلىقىنىڭ دۈشە نبە كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە , خىتاي ساقچىلرى بيجىڭدا كىلەر ئاي , چىرىكلىك ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىگە 10000 كىشى نامىدىن ئىلتىماس سۇنغان يى گاۋجۇ نى قولغان ئالغان .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا , يى گاۋجۇ بېيجىڭدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 10000 كىشى نامىدىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى بولۇپ , بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۇلار نىڭ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان نامايىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىنى رەت قىلغان ئىكەن . ئەگەر بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى رۇخسەت قىلغان بولسا , بۇ -1999 يىلىدىن بىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھىساپلىناتتى .
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك , -1999 يىلى فالوڭ گوڭ تەرىقىتىنىڭ مۇرىتلىرى خىتاي كومونىست پارتىيىسى مەركىزى كۆمىتىتى يىغىن ئۆتكۈزىىۋاتقان بىر پەيتتە , بېيجىڭدا كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى .
كىلەر ئاي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئىككى تەشكىللىگۈچىسىنىڭ بىرى بولغان نى يىلان , تىلىفون ئارقىلىق رويتېرس ئاگېىتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا, تۈرلۈك مەسىلىلەردە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە ئەرز ۋە شكايەتلىرىنى سۇنۇش ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن كىلىپ بيجىڭدا تۇرىۋاتقان 10000 دىن كۆپرەك كىشى كىلەر ئايدا نارازىلىق نامايشى تەشكىللەش ئىلتىماسىغا قول قويدى . چىرىكلىك ۋە ھۇقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى مەسىلىلىرىدە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە دىدى . (قانات)