چوڭچىڭدىكى نامايىشتا كىشىلەر ساقچى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى


2004.10.20

خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنى 20 مىڭدەك شەھەر ئاھالىسى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇنداقلا بۇ تېزلا توپىلاڭغا ئۆزگىرىپ، كىشىلەر ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۆرۈپ ئوت قويغان ھەم ھۆكۈمەت بىناسىدىكى ئەسلىھەلەرنى بۇلاپ كەتكەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈن ۋەنجۇ رايونىنىڭ مىۋە بازىرىدىكى بىر كىشى مال يەتكۈزىدىغان بالا بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پوپوزا قىلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى پۇل بىلەن سېتىۋالالايدىغانلىقىنى تەھدىت قىلغان ھەم ئۇنى ئۇرغان.

بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسى دەرھال ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا خەلق ئاممىسى ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، ساقچىلارنىڭ ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت بىناسىدىكى كومپيۇتىرلارنى ئوغۇرلاشقا ئوخشاش قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان.

مەزكۈر ئاگېنتلىقنىڭ بىر شەھەر ئاھالىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچىلار توپىلاڭچىلارغا قارىتىپ، ياش ئاققۇزۇش گازلىرىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ساقچى دائىرىلىرى توپىلاڭچىلارنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما نىمە سەۋەپتىن بۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتايدا ئىقىتسادىي تەرەققىياتنىڭ تەكشىسزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باي ۋە كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ كۈنسايىن چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز-ئارا زىددىيەتلەرمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.