خىتاي ساقچىلىرى چوڭچىڭدىكى توپىلاڭ مۇناسىۋىتى بىلەن 40 ئادەمنى قولغا ئالدى


2004.10.21

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن چوڭ توپىلاڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ئاز دېگەندە 40 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە توپىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان كىشىمۇ بار ئىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنى يالغاندىن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى دەپ كۆرسەتكەن بىر كىشى مېۋە بازىرىدا بىر بالىغا زومىگەرلىك قىلىپ، ئۇنىڭدىن پۇل ئۈندۈرۈشكە ئۇرۇنغان ۋە بالىنى ئۇرغان.

بۇنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى دەرھال ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا خەلق ئاممىسى تېز كۆپىيىپ، نامايىش توپىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن. كىشىلەر ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۆرۈپ ئوت قويغان ھەم ھۆكۈمەت بىناسىدىكى ئەسلىھەلەرنى بۇلاپ كەتكەن. جەمئى 20 مىڭدەك شەھەر ئاھالىسى بۇنىڭغا قاتناشقان.

خەۋەرگە قارىغاندا، چوڭچىڭ ساقچى دائىرىلىرى گەرچە ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق نەق مەيداندىكى بىر قىسىم كىشىلەر نامايىشنىڭ تار دائىرىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە خەلق بىلەن كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر زىددىيەت بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.