بېيجىڭ شەھىرىدە يېقىندا يۈزدىن ئارتۇق ياللانما ئىشچى، ئۆزلىرىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغانلىقىتىن ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 24 ئى ھازىر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈستىدە .
خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتى خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەقەلىك جەريانىنى مۇنداق بايان قىلغان: خېبېيدىن كەلگەن ياللانما ئىشچىلار، بېيجىڭدە فۇلى قۇرۇلۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى بېرىلمىگەن. ئىشچىلار شۇ سەۋەبتىن ئىش تاشلىغان. ئىشچىلار بېيجىڭ سەنخۇئەن يولىدا قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغان ئىشخانا ئالدىدا تېنچ ئولتۇرۇپ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ساقچىلار ياللانما ئىشچىلارنى قوغلاپ يۈرۈپ توك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ قانغا بويىۋەتكەن.
قۇرۇلۇش مەسئۇللىرى، ھۆكۈمەتكە “ياللانما ئىشچىلار شىركەتنى ئىككى كۈن قامال قىلىپ، شىركەتنىڭ خىزمىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى” دەپ ئەرز سۇنغان.
يېقىندىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىق سەۋەبىدىن پارتلىغان نارازلىق ھەرىكەتلىرى ناھايىتى كۆپ يۈز بەرمەكتە. (ئەقىدە)