خىتايدىكى بەش نەپەر ئىشچى زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكى ۋە خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.
" خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر ھوقوقىنى كۈزىتىش تەشكىلاتى" نىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل 4 - ئايدا گۇئاڭدۇڭ دۇڭۋەندىكى بىر ئاياق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان نەچچە مىڭلىغان ئىشچى خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ۋاقتىدا بېرىلمىگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
نامايىشتىن كىيىن، يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى زاۋۇت تەمىنلىگەن تىزىملىككە ئاساسەن 40 نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان. دۇڭۋەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەشىنى " مال مۈلۈككە زىيان سېلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ، ئۈچ يىلدىن ئۈچ يېرىم يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 16 ياشلىق بىر قىز ئىكەن.
بۇ بەش نەپەر ئىشچىنىڭ ئادۋۇكاتى گاۋنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، گەرچە قانۇندا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى جاۋابكارلارنىڭ ئادۋۇكاتىغا ئۇقتۇرىشى شەرت بولسىمۇ، بىراق دۇڭۋەن سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان. ئۇ ئىشچىلارنىڭ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان خەۋىرىنى تور بېتى ئارقىلىق ئىگىلىگەن. (ئارزۇ)