ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى ۋەنفېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشچىلىرى زاۋۇتنىڭ پاراۋانلىق سوممىسىنى قىسقارتىش قارارىغا قارشى بۇ نامايىشنى ئېلىپ بارغان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ كۈندىلىك گېزىتى، ئىشچىلارنىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بەزى كوچىلارنى قامال قىلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى شۇنداقلا ئىشچىلار بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر نەپەر ئىشچىنىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ۋەنفېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ، ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمان بىر نەپەر ئەمەلدارى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى ئەمما يەرلىك ساقچى ئىدارىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلغان. (پەرىدە)