تەيۋەندىكى ھەرقايسى پارتىيىنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى
2004.12.05
تەيۋەندە كېلەر شەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا، تەيۋەندىكى ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى ھەر قايسى جايلاردا يىغىلىش ئۆتكۈزدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيبېي شەھىرىدە، ھاكىمىيەتتىكى تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قوللايدىغان، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان " تەيۋەن ئىتتىپاقلىق ئويۇشمىسى" پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئۆز نامزاتلىرىنى قوللايدىغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلىغان.
بۇ ئارىدا، ئۆكتىچى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرىمۇ كوچىلاردا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەن ئۆزىنى قوللايدىغان نامزاتلارنىڭ 225 ئورۇنلۇق تەيۋەن پارلامېنتىدا يېرىمدىن كۆپ ئورۇننى ئىگىلىشى بىلەن تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە يول ئىچىشنى ئۈمىد قىلماقتا.
نۆۋەتتە گومىنداڭ ۋە چىنمىڭداڭ گورۇھىدىكىلەر تەيۋەن پارلامېنتىدا ئىنتايىن ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكالاشنىڭ بىر باھانىسى دەپ ئەيىبلىمەكتە، شۇنداقلا تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسىلا، ئۇرۇش پارتىلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئارزۇ)
- خىتاي چېن شۈيبىيەننى مۇستەقىللىق خاھىشى بار دەپ ئەيىپلىدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىرازىلىيىدىكى زىيارىتىدە، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- تەيۋەن يېڭىدىن تۈزىدىغان تارىخ دەرسلىك كىتابىدا ئىككى قىرغاق تارىخىنى ئايرىيدىكەن
- تەيۋەن ئارمىيىسى بەش كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
- كولىن پوۋېلل : ئامېرىكا تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ
- خىتاي، پوۋېلنىڭ ئىككى قىرغاق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- تەيۋەن كېلەر يىلى ئامېرىكىدىن ئالدىن چارلاش ئايرۇپىلانى سېتىۋالماقچى
- كولىن پوۋېل، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چېن شۈيبىيەننىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- تەيۋەن پىرېزدېنتى چىن شۈيبىيەن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى