سىچۈئەندە ئىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ سىچۈئەن ئۆلكىسى لۇجۇۋ شەھىرىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بويان كەڭ - كۆلەملىك ئىشچىلار نامايىشى يۈز بەردى.

خوڭكوڭ " مىنباۋ" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لۇجۇۋ شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىنىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، زاۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى سەۋەبىدىن، زاۋۇتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ، ھەمدە زاۋۇت دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئايدىن بويان كىچىكتۈرۈلگەن ئىش ھەققىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىشچىلار نامايىش جەريانىدا بەزى قاتناش يوللىرىنى توسىۋالغان. يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ سەۋەپتىن مىڭغا يېقىن توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرىنى ئەۋەتىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ بىر مەزگىل توقۇنۇشقان. ۋەقە يەكشەنبە كۈنى كەچكىچە بېسىقتۇرۇلمىغان.(ئارزۇ)