خىتايدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىلدى


2004.12.27

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا خىتاينىڭ گۇاڭ دوڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇەن ناھىيىسىدە ئىشچىلار بىلەن ناھىيىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جو خوڭكاڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى، توپىلاڭ ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.

يېقىندىن بىرى خىتايدا ساقچىلار بىلەن ئىشچى ۋە دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا جىددى توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا گۇاڭ دوڭنىڭ دوگگۇەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، خوڭ كوڭدا چىقىدىغان بىر گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەرلىك ساقچى دائىرلىرىنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن 50000 ئەتراپىدا ئىشچى ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇش جەريانىدا نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ۋە كېسەك ئېتىپ، تۆت ساقچى ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن توقۇنۇشلاردا ۋە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالىدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللىرىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدىلا خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە تۈرمىدىكى كەسىپداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان ئىككى يۈز ئىشچى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى ئۆلدى. گۇاڭشىدا بولسا، 10 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى بىلەن ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇڭگانلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسنىڭ بىر قىسمىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان. تۇڭگانلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى جىدەلدە ئاز دېگەندە يەتتە كىشى ئۆلگەن ۋە 42 كىشى يارىلانغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.