خېيلوڭجياڭدىكى تاكسى شوپۇرلىرى نامايىش قىلدى


2005.03.09

يېقىندا خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇدەنجياڭ شەھىرىدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قالايمىقان پۇل يىغىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. خىتاي ساقچىلىرى ھازىرغىچە بۇنىڭغا چېتىلغان 100 دىن ئوشۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

چەتئەلدە چىقىدىغان "بوشۈن" تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشقا چىققان تاكسى شوپۇرلىرى كوچىدا نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن سىرت يەنە، نامايىشقا قاتناشمىغان تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ماشىنىلىرىنى چېقىپ بۇزغان.

شۇنداقلا تاكسى شوپۇرلىرى يەنە، ھەر قايسى شەھەرلەردىكى تاكسى شوپۇرلىرى بىلەن بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزۈشنىمۇ پىلانلىغان. شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرى چارشەنبە كۈنى خاربىن شەھىرىگە ئەرز قىلىشقا ماڭغان دەنجياڭ شەھىرىدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنى توساپ قالغان ھەمدە نامايىشنى ئويۇشتۇرۇغۇچىلار بىلەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى قولغا ئالغان.

نامايىشقا قاتناشقان بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزغا بىلدۈرىشىچە، نامايىشچىلار بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تېخى بۇ ھەقتە كېڭىشىپ بولالمىغان. مۇدەنجياڭ شەھىرىدە 3000 تاكسى شوپۇرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، قاتناش ئىدارىسىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشى ۋە جازا بېرىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم جازالانغان ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.