گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن شەھەرلىرىدە ياپونغا قارشى نامايىش يۈز بەردى

شەنبە كۈنى، 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بېيجىڭنىڭ خەيدەن رايونىدا ياپونغا قارشى ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن يىغىلىپ، ئارقىدىن ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن .

ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوخشاشلا يەكشەنبە كۈنىمۇ شېنجېن شەھىرىدە 10 مىڭغا يېقىن كىشى نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيە مەبلەغ سالغان سودا شىركىتىنى قورشىۋالغان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار "ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىك كىتابىدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئۇرۇش جىنايىتى، بولۇپمۇ خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنمىدى" دېگەننى باھانە قىلىپ، مەزكۇر نامايىشنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

شۇ كۈنى يەنە، گۇاڭجۇ شەھىرىدە 3 مىڭغا يېقىن كىشى ياپونىيىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا شوئارلار توۋلاپ، ساقچىلارنىڭ كونترول سىزىقىدىن بېسىپ ئۆتۈشكە تىرىشقان.

نامايىشچىلار، ياپون رېستۇرانلىرىغا تۇخۇم ئېتىپ، ئىشىك - دەرىزىلىرىنى چاققاندىن سىرت، يوللاردا توختىتىپ قويۇلغان ياپون ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ چاققان ۋە ھەتتا ياپون بايراقلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەن.

بۇ ئارىدا، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىشتىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەرھال رەسمىي يوسۇندا ياپونىيە تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراپ، كېلىپ چىققان زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەقىدە)