پىنسىيىگە چىققان ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېرلار بېيجىڭدا نامايىش قىلدى


2005.04.13

خىتاينىڭ 2 مىڭغا يېقىن پىنسىيىگە چىققان ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېرى بېيجىڭدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ پىنسىيە تەمىناتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ساقچىلار ئۇلارنى ساقچى ماشىنىلىرىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تېخى نامەلۇم ئىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پىنسىيىگە چىققان ئوفىتسېرلار ھەربىي فورمىلىرىنى كىيگەن ھالدا دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن، بېيجىڭدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئولتۇرىدىغان جوڭنەنخەيگە يېقىن جايلاشقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش سىياسىي شىتابى بىناسى ئالدىدا تىنچ ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نەق مەيداندىكى بىرسىنىڭ مەزكۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا چىققان ھەربىيلەر 45 ياشتىن 60 ياش ئەتراپىغىچە بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پولك ۋە دېۋىزىيە دەرىجىلىك پىنسىيىگە چىققان ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ بار ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشىلىك ساقچى ئەترىتىنى ھەرىكەتكە سېلىپ، پىنسىيىگە چىققان ھەربىيلەرنى قاتمۇ-قات قورشاپ تۇرغان شۇنداقلا ئەتراپتىكى جايلارنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزگەن.

بۇ ۋەقەنى كەلگۈچىلەر، ساقچىلارنىڭ ئاخىرى ئۇلارنى ساقچى ماشىنىلىرىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىر نەدىلىكى تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.