خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار كۆپلىگەن شەھەرلەرگە تارالدى
2005.04.17
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە شەنبە كۈنى ياپونىيىگە قارشى كەڭ - كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەندىن كىيىن، ياپونىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يېڭى بىر دولقۇن ئوتلىرى يەكشەنبە كۈنى شىنجىن، شىنياڭ، نەننىڭ ، خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە تۇتاشتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 10 مىڭدەك كىشى يەكشەنبە كۈنى شىنجىن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ياپونىيە سودا سارىيىنىڭ سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نەچچە مىڭلىغان نامايىشچىلار يەنە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان شىنياڭ شەھىرىدە، ياپونىيە كونسولخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نارازىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماستىن، كونسۇلخانىغا قارىتىپ تاش ئاتقان. نەننىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى مەيداندىمۇ نەچچە يۈزلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياپونىيىگە قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
خوڭكوڭدا، نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر شەھەر مەركىزىدە ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن قىلمىشلىرىغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئەمما خىتايدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، خوڭكوڭدىكى نامايىش تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
شەنبە كۈنى، شاڭخەيدىكى نامايىشتا، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر ياپونىيە باش كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلغان ئىدى. بەزى نامايىشچىلار كونسۇلخانا بىناسىغا تاش ۋە تۇخۇملارنى ئېتىپ، دەرىزىلەرنى چېقىۋەتكەن. يەنە بەزىلىرى كوچىلاردىكى ياپونىيىدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى ئۇرۇپ - چاققان. نامايىشچىلار يەنە ياپونىيىچە ئون نەچچە رىستۇراننى ۋەيران قىلغان. نەچچە مىڭلىغان توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرى گەرچە نامايىشچىلارنى ياپونىيە كونسولخانىسىدىن يىراقلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق نامايىشنى توسىمىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئىنگىلىز تىلىدىكى خەۋەرلىرىدە شاڭخەيدىكى نامايىشنى خەۋەر قىلغاندىن سىرت، خىتاينىڭ باشقا مەتبۇئاتلىرى ۋە تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرى بۇنامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
- ۋېن جياباۋ، ياپونىيىنى "تارىخ بىلەن يۈزلىشىش" كە چاقىردى
- ياپونغا قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا
- ياپونىيە: خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ياپونىيىلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك
- گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن شەھەرلىرىدە ياپونغا قارشى نامايىش يۈز بەردى