غەزەپلەنگەن دېھقانلار مۇھىتقا زىيانلىق بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان
2005.07.19
يېقىندا خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە قاراشلىق شىنچاڭ كەنتىدىكى نەچچە يۈز دېھقان بۇ يەردىكى مۇھىتقا زىيانلىق دەپ قارىغان بىر دورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلىپ، زاۋۇتنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نامايىش 4 -ئىيۇل كۈنى باشلانغان بولۇپ، شىنچاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزىلاردىن كەلگەن دېھقانلار قوشۇلۇپ، نەچچە يۈز كىشى بۇ زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان ھەتتا زاۋۇتنىڭ توساق تاملىرىنى ئۆرۈپ تاشلاپ، ئامانلىق قوغداش بىناسىغا بۆسۈپ كىرگەن.
مەزكۇر زاۋۇتتىكى شۈ فامىلىلىك بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زاۋۇت 4 - ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان شۇنداقلا دېھقانلار گەرچە زاۋۇت ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالغانلىقى ئۈچۈن زاۋۇت مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان.
نۆۋەتتە خىتايدا دېھقانلار ۋە نامرات رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچىيۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ چەت رايونلىرىدىكى 800 مىليونغا يېقىن كىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىدىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەمبەغەللەر بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى، خەلقلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ماجرالارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوڭكوڭدا پۇقرالار ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى
- پىنسىيىگە چىققان ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېرلار بېيجىڭدا نامايىش قىلدى
- خىتايدا يۈز بەرگەن توپىلاڭدا 80 قا يېقىن ساقچى يارىلاندى
- خىتاي ئاجراتقان مۇھىت قوغداش خىراجىتى تولۇق ئىشلىتىلمىگەن
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلدى