خوڭكوڭدا زېڭ چىڭخوڭغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى


2005.09.11

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخوڭنىڭ 9 -سېنتەبىردىن 11 -سېنتەبىرگىچە بولغان خوڭكوڭدىكى زىيارىتى داۋامىدا، بۇ يەردە كۆپ قېتىم قارشىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشلاردىن سىرت يەنە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زېڭ چىڭخوڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس كۈتىۋېلىش زىياپىتىدە، خوڭكوڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىدىكى لياڭ گۇئاڭليې ئورنىدىن تۇرۇپ، "4 -ئىيون ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىلسۇن، سىياسەت خەلققە قايتۇرۇلسۇن، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلسۇن" دەپ شۇئار توۋلىغان. ئاخىرىدا زىياپەت زالىدىكى ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچىلار ئۇنى زالدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

شۇنداقلا زىياپەت زالىنىڭ سىرتىدا 100 دىن ئوشۇق فالۇنگوڭچىلار نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭچىلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى زېڭنىڭ بۇ يەردىكى زىيارىتى داۋامىدا ئامانلىق ئىشلىرىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۇ تۇرۇشلۇق مېھمانخانا ۋە ئۇ پائالىيەت قىلىدىغان جايلارنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىلارغا نۇرغۇن ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.