خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى چېخنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى چارشەنبە كۈنى پراگادا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار چېخ پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرىنى ۋىن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئولىمپىك كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى. ئۇلار چېخ رەھبەرلىرىگە يازغان ئوچۇق خېتىدە" بىزنىڭ دۆلىتىمىز دىكتاتور ھاكىمىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن. بىزنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتىمىز كەلدى" دەپ يازغان.
خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ نۆۋەتتە ياۋروپادىكى زىيارىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇ چارشەنبە كۈنى فرانسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سىلوۋاكىيىگە يىتىپ كەلدى. ئۇ سىلوۋاكىيىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، چېخ ۋە پورتۇگالىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. (ئارزۇ)