خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوغداشقا تىرىشىپ، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنى قاتتىق ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ ئاچچىغىدا ئوق چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئىزاھاتلىدى.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 6 -دېكابىر بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، نامايىشقا چىققان خەلقنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 3 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەنۋېيدىكى ئاھالىلەر ساقچىلارنىڭ ئاز دېگەندە 20 دىن كۆپ كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نامايىشقا مىڭدىن كۆپ كىشى قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش نامىدا دېھقانلاردىن ئېلىۋالغان يەرلەر ئۈچۈن بېرىلگەن ھەقنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىغا نارازى بولغان.
ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن 20 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانسا، ئۇ ھالدا بۇ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيانقى، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ چوڭ كۆلەملىك قوراللىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە)