خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلدى دەوپ ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان سترايت تېمىز گېزىتىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرى چېڭ چوڭنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ، خوڭكوڭدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
ياشىسۇن مەتبۇئات ئەركىنلىكى دەپ شۇئارلار توۋلىغان ، خوڭكوڭ پارلامىنتىنىڭ ئەزاىسى ليۇڭ كىۋۇكخۇڭ قاتارلىق نامايىشچىلار، چىڭ چوڭنىڭ سەككىز ئايدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يىتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە سوتلانمىغانلىقىنى، ئائىلىسى ۋە ئايالىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس دېيىشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، چىڭ چوڭنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
55 ياشتىكى چىڭ چوڭ ئاپرىل ئىيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، 5-ئاغۇست كۈنى رەسمى قولغان ئېلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭ 2000-يىلى بىلەن 2005-يىلى ئارىسىدا تەيۋەن ئاخبارات ئىدارىسىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خوڭكوڭدا ۋە خىتاي ئىچىدە بىر قاتارلىق جاسۇسلۇق تورلىرىنى قۇرۇپ چىققان. (قانات)