خىتايدا قوزغالغان كۈچ ئۇلاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى 20 ‏- كۈنىگە قەدەم قويدى

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى، ئادۋۇكات گاۋ جىمۇ تەرىپىدىن قوزغىتىلغان كۈچ ئۇلاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى بۈگۈن 20 ‏- كۈنىگە قەدەم قويدى.

ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىلىرىغا قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئاز دېگەندە 77 تەشكىلاتنىڭ ھەمدە نەچچە مىڭلىغان شەخىسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بېيجىڭدا، مەزكۇر كۈچ ئۇلاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىمى قامالغان، يەنە بىر قىسىمى بولسا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ،ئادۋۇكات گاۋ جىمۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئەتراپى ساقچىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار گاۋ جىمۇ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلارغا توسقۇنلۇق قىلغان.

ئىككى كۈن بۇرۇن، ئادۋۇكات گاۋ پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار بىلەن جىدەللەشكەن، گاۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىن كەلگەن پىكىر ۋە تەۋىسىيىلەرنى تاپشۇرۋالغان، بەزى مۈتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ، بۇ ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئەزالار سانىنى كۆپەيتىشكە ھەسسە قوشۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گاۋ جىمۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ ھەرىكەتكە ئەزا بولۇش توغرۇلۇق ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ يۈننەن بىلەن خېيلوڭجياڭدىن كەلگەن ئىلتىماسلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.

2 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، گاۋ جىمۇنىڭ تەشەببۈسى بىلەن، خىتايدىكى 370 كە يېقىن كىشى، ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كۈچ ئۇلاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ئىدى. (ئەقىدە)