تيەنجىننىڭ ليۈشەنخى يېزىسىدا يۈزلىگەن دېھقان نامايىش ئۆتكۈزدى


2006.03.16

16‏- مارت كۈنى، تيەنجىننىڭ ليۈشەنخى يېزىسىدا يەر-زېمىنلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن ئىلھاملانغان نامايىشچىلار، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كېلىپ بىز بىلەن سۆھبەتلەشمىگىچە، نارازىلىق ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، دېگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 14 ‏- مارت كۈنى خىتاي تېلېۋېزىيىسىدە بەرگەن باياناتىدا، دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى قانۇنسىز تارتىۋالغان يەرلىك ئەمەلدارلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بىز دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا، بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ توختام بىلەن ئالغان يەرلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە، مۇستەقىل ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەتلىك قىلىشمىز كېرەك، دېگەن ئىدى.

خىتايدا، دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى چىرىكلەشكەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ناھايىتى ئاز تۆلەم پۇلى بېرىپ، سېتىۋېلىپ ئاندىن بۇ يەرگە ئۆي ۋە كارخانا سېلىپ كۆپ مەنپەئەت قولغا كەلتۈرمەكتە. يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلار ئاساسەن ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلماقتا.

ئەمما، دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 87000 جامائەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بەزىلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا 30 نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.