جېڭجۇدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى

جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق شېڭدا ئىنىستىتوتىنىڭ 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىلىرى دېپلوم مەسىلىسى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەكتەپ ئىچىدە چوڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى ساقچى دائىرىلىرى ۋە مەكتەپ بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنى تىنچلىنىشقا دەۋەت قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، جېڭجۇ ئۇنىۋېرستېتى تارمىقىدىكى شېڭدا سودا-ئىقتىسات باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ 5000 غا يېقىن ئوقۇغۇچىسى، ئۇلارغا تارقىتىلغان دېپلومنىڭ جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلمىگەنلىكىكە نارازى بولۇپ، سىنىپ ۋە ياتاق بىنالىرىدىكى نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چاققان. ھەتتا بەزىلىرى كوچىلارغىچە چىقىپ نامايىش قىلغان.

كېيىن بۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قوشۇلۇپ، مەكتەپ ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ چېقىشتىن سىرت يەنە، كوچىلاردىكى يول چىراقلىرى، تېلېفون بوتكىلىرى، دۇكان ھەتتا بانكىلارغىچە ھۇجۇم قىلغان. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك نەچچە يۈز ساقچى ئوقۇغۇچىلارنى كوچىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت يەنىلا نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. ساقچىلار يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشىنى چەكلىگەن، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ھازىرمۇ مەكتەپ ئىچىدە داۋاملىق نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق شېڭدا سودا-ئىقتىسات باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى دەسلەپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلارغا جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېپلومىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما ئاخىرىدا ئۇلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەزكۇر ئىنىستىتوت نامىدا دېپلوم تارقاتقان. (پەرىدە)