تولۇق مائاش ئالالمىغان يۈزلىگەن ياللانما ئىشچى نارازىلىق بىلدۈردى
2006.06.22
خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سىرتتىن بېيجىڭغا كەلگەن ياللانما ئىشچىلار، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئاستى پويىز يولى ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، بىر يىلدىن كېيىن، ئېلىشقا تېگىشلىك مائاشىنى ئالالماي، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.
جۇڭگو گېزىتىنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھەرلىك شىچېڭ رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ ھەپتە مەزكۈر قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بارغان قۇرۇلۇش شىركىتىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەندۇڭدىن كەلگەن 258 نەپەر ياللانما ئىشچىنىڭ بىر يىللىق مائاشىنى تولۇقلاپ بېرىشىنى قارار قىلغان.
بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى بېيجىڭ قۇرۇلۇش گۇروھى ھەسسىىدارلىق شىركىتى، ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا شەندۇڭدىن ئىشچى ياللاپ، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىزى 5 - لىنىيىسىنى ياساش قۇرۇلۇشىغا سالغان، بىراق قۇرۇلۇش شىركىتى ئىشچىلارغا ئاران كۈنىگە 10 يۈەن پۇل بەرگەن. ئىشچىلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سوت مەھكىمىسگە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى، جاۋابكارلىقنى قۇرۇلۇش شىركىتىگە ئارتىپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە 258 نەپەر ئىشچىغا 900 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشىنى ۋە بارلىق مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى بېكىتكەن.
2008 - يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى يەر ئاستى پويىز لىنىيىسى ھەمدە ئايرۇپىلان ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلان قىلغان ئىكەن.
خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن تەڭ، ئىشچىلارنى ئېزىش قىلمىشلىرىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئەۋج ئالماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جېڭجۇدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى
- خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۇيغۇرلار بىلەن تەيۋەنلىكلەرگە قالدى
- فۇجيەندە 200 گە يېقىن كىشى سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە
- تيەنجىننىڭ ليۈشەنخى يېزىسىدا يۈزلىگەن دېھقان نامايىش ئۆتكۈزدى