شىئەندە نەچچە مىڭلىغان شوپۇر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى


2006.06.29

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 26 ‏- ئىيۇن كۈنى شىئەندە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۈچ چاقلىق ماشىنا شوپۇرلىرى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىپ ، ھۆكۈمەتتىن داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ھۆكۈمەت، شىئەندە ئۈچ چاقلىق ھارۋا بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان 30 مىڭ كىشىنى، شەھەرنىڭ قاتنىشىغا توسقۇنلۇق يەتكۈزدى دېگەن سەۋەب بىلەن ئىشتىن توختاتقان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى نامايىشچىلارنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلىپ، ساقچىلارنىڭ 5 نەپەر ئىشچىلار ۋەكىلىنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىشچىلارنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈچ چاقلىق ماشىنا شوپۇرلىرى ئادەتتە يولۇچى توشۇش ۋە يۈك توشۇش ئارقىلىق جان باقىدىغان بولۇپ ، ھۆكۈمەت 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئىشچىلارنىڭ بۇ ئىشنى قەتئىي توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. شوپۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ئىشىدىن توختىتىلغانلار بولۇپ، مەزكۈر قارار بىلەن ئۇلار قايتا ئىشسىزلىققا دۇچ كېلىدىكەن.

ئىشچىلار كوچىدا ، ئوغرىلىق قىلمىدۇق، بۇلاڭچىلىق قىلمىدۇق، ئۇرۇش - تالاش قىلمىدۇق بىز قانداق قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھېسابلىنىمىز، دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىغان. نامايىشچىلار يەنە": گەرچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كوچىغا نۇرغۇن ساقچىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ ، بىراق ساقچىلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق توقۇنۇش ۋە زىددىيەت يۈز بەرمىدى" دەپ بىلدۈردى. نامايىشچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىشنى چەكلىگەن، شۇڭا ھېچقانداق گېزىت - ژورنالدا بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.