1-ئىيول كۈنى خوڭكوڭدا چوڭ نامايىش بولدى
2006.07.02
خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىغا 9 يىل بولغان 1-ئىيول كۈنى، خوڭكوڭدىكى ئاممىۋى كىشىلىك ھوقۇق سېپى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە ۋە ئومۇمىي سايلام تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى تەرەپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر سانىنىڭ 28 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، نامايىشنى ئويۇشتۇرغۇچىلار بۇ نامايىشقا 58 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئېيتماقتا. نامايىشچىلار "بىزگە ھەقىقىي دېموكراتىيە كېرەك" دېگەن شۇئارلار بىلەن " باراۋەرلىك، ھەقىقەت، دېموكراتىيە ئۈچۈن كۆرەش" دېگەنگە ئوخشاش لوزونكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغان.
2003- يىلى 1-ئىيولدىكى نامايىش ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. شۇنداقلا ئۇ نامايىش خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى دوڭ جيەنخۇانىڭ تەختتىن چۈشىشىگە سەۋەپ بولغان.
بۇ كۈندە يەنە، خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس تەشكىلاتلارنىڭ ئويۇشتۇرىشى بىلەن 20 مىڭغا يېقىن كىشى كوچىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشكەن. (پەرىدە)