سىچۇەندىكى نامايىش داۋاملاشماقتا


2006.11.13

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭگەن شەھىرىدە، پۇل تاپشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرلارنىڭ داۋالاشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆلۈشى، بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن غەزەپلەنگەن شەھەر ئاھالىسى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ساقچىلار گۇاڭگەن شەھىرىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانا ئەتراپىنى قورشىۋالغان بولۇپ، شەھەردە ۋەزىيەت ھېلىمۇ جىددىي ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى سىڭتاۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى خىمىيىۋى ئوغۇت يەۋالغان بىر كىچىك بالا گۇاڭگەن شەھەرلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، دوختۇرخانا بالىنى داۋالاشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئاتا ‏- ئانىسىدىن 800 يۈەن پۇل تۆلەشىنى تەلەپ قىلغان. بالىنىڭ ئاتا ‏- ئانىسى دوختۇرخانا تەلەپ قىلغان پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرلار بالىنى داۋالاشنى رەت قىلغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشقازىنىدىكى زەھەرلىك خىمىيىۋى ئوغۇت بالىنىڭ پۈتۈن نېرۋا سېستىمىسىغا تارقاپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان.

بۇ خەۋەر شەھەردە تارقالغاندىن كېيىن، ئىككى مىڭ ئەتراپىدا كىشى دوختۇرخانا ئالدىغا بېرىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان نامايىشچى يارىلانغان.

دۈشەنبە كۈنى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنىڭ دوختۇرلار داۋالاشنى رەت قىلغان كىچىك بالىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن چىققانلىقى رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەردىكى ئىشژ ئىشچىلار توپىلاڭ چىقىرىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەدىن پايدىلانغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.