خاڭجۇدا 3000 نەپەر ئىشچى ‏- خىزمەتچى نامايىش ئۆتكۈزدى


2006.12.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى خاڭجۇ شەھىرىدە، 3000 دىن ئارتۇق ئىشتىن بوشىتىلغان ئىشچى ‏- خىزمەتچىلەر دۈشەنبە كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ھۆكۈمەتتىن تۆلەم ھەققى تەلەپ قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نامايىشچىلار پېنسىيە مائاشى، داۋالىنىش پۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىش ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن باشلاپ، توپ-توغرا 3 سائەت داۋاملاشقان. نامايىشچىلار ئارىسىدا شۇئار توۋلاش ياكى لوزۇنكا چىقىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر يۈز بەرمىگەن. نامايىشچىلار پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى ئالدىدا جىم -جىت ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ جەرياندا، يەرلىك ھۆكۈمەت 300 گە يېقىن ساقچىنى ئامانلىقنى قوغداشقا چىقارغان. ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى ئاستىدا، توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.