شەرقى خىتايدا نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش بولدى
2007.03.22
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقى خىتايدا مىڭلىغان ئامما ئۆز يېزىسىنىڭ شەھەرگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلار بولغان.
نامايىش چارشەنبە كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۇيشى يېزىسىدا يۇز بەرگەن بولۇپ نامايىشچىلار شەرقى خىتايدىكى بىر مۇھىم تۆمۈر يولنى توسۇۋالغان. توقۇنۇش جەريانىدا ساقچىلار نامايىشچىلارنى قوغلىغان ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا نامايىشچىلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئەتراپىدا دەپ ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش شاھىدلىرى نامايىشىچىلارنىڭ نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئاز بولغاندىمۇ 40 ئادەمنى يارىلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن غەزەپلەنگەن ئامما ماشىنىلارنى ئۆرۈشنى باشلىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتايدا نامايىشلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا 2005 - يىلىدا تەشۋىقات ۋاراقچىسى چاپلاش، نامايىش قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەر 87 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ 2004 - يىلىدىكىدىن 6.6 پىرسەنت ۋە 2003 يىلىدىكىدىن 50 پىرسەنت ئۆرلىگەن. (جۈمە)