خىتايدا يەر-زېمىن داۋاسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى


2007.03.23

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 ‏- مارتتىكى خەۋىرىدە جەنۇبىي خىتايدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن كەنتتىكىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش بولغان.

ئەسلىدە، بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى يەرلىك بىر كىشىنى تراكتۇردا بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كىيىن قۇرۇلۇشچىلار بىلەن كەنتتىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق تالاش ‏- تارتىش بولغان، ئاندىن قۇرۇلۇشچىلار بۇ كەنىتتىكىلەرنى ئۇرۇشقا باشلىغان.

سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۋاڭجۇ ئارىلىدىكى ئامما توپلىشىپ بۇ ۋەقەگە قارشى نامايىش قىلىپ قۇرۇلۇشچىلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. رادىئومىز بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا ، نامايىش جەريانىدا 14 ئادەم يارىلانغان. بۇ ۋەقە خىتايدا يېقىندىن بىرى يەر-زېمىن مەسىلىسى سەۋەبلىك يۇز بەرگەن نامايىشلار ئىچىدە ئەڭ يېڭىسى.

گۇۋاڭجۇ ئارىلىدا ئالىي مەكتەپ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئىككى يىل ئاۋال باشلانغان. يەرلىكلەرگە بېرىلگەن تۆلەم بەك توۋەن بولغانلىقتىن يەرلىك ئامما ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتى كۈچەيگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ جايدا نۇرغۇن قېتىم زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان نامايىشلار يۈز بەرگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.