چوڭچىڭ شەھرىدە ئايال ئىشچىلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى


2007.04.15

جۈمە كۈنى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالدىدا، نۇرغۇن ئىشتىن قالدۇرۇلغان توقۇمىچىلىق ئايال ئىشچىلار بىرلىكتە نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان. ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن پەيشەنبە كۈنى قولغا ئالغان نامايىشچىلارنىڭ باشلامچىسى، تاڭ ۋۇ ئىسىملىك بىر نەپەر ئايال ئىشچىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى پەيشەنبە كۈنىمۇ چوڭ چىڭدىكى ئىشتىن قالدۇرۇلغان نەچچە ئون نەپەر ئىشچى ئايال، ئۆز ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا ساقچىلار ئۇلارنى توپىلاڭچىلار دەپ قولغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى تاڭ ۋۇنى 12كۈنلۈك قاماققا ئالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە چۇڭچىڭ توقۇمچىلىق زاۋۇتىدىن نامايىشقا قاتناشقان ۋاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە " زاۋۇت گۇمران بولۇپ، ئىشچىلارغا ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمەي پەقەت ھەر ئايدا 210 يۈەندىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىدىغان بولۇپ ئىشچىلارنى بىراقلا ئىشتىن قالدۇرغان، نارازى بولغان ئىشچىلار ئورگانلارغا سۆزىنى ئاختۇرالماي نامايىش قىلىپ كوچىغا چىققان، ئەمما ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچىلار يوللارنى قامال قىلىپ نامايىشچىلارنى تۇتۇشقا باشلىغان. "

چۇڭچىڭ پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى -90 يىللاردىن باشلاپلا نۇرغۇن ئىشچىلارنى قىسقارتىشقا باشلىغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ تۆلەم ئىشلىرىنى ھەل قىلمىغان ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.