سىچۈەن ئۆلكىسىدە مىڭدىن ئارتۇق ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە نامايىش قىلدى
2007.06.18
غەربىي جەنۇبى خىتايدا مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ, ساقچىخانا ئالدىغان توپلىشىپ، "ساقچىلار بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان لۈكچەكنى قانات ئاستىغا ئالدى" دەپ نامايىش قىلدى. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
خوڭكوڭغا جايلاشقان بىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى، ۋاڭ چىياڭ ئىسىملىك 15 ياشلىق بۇ ئۆسمۈرنىڭ 13 -ماي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى جيۇلوڭ يېزىسى ساقچخانىسىنىڭ باشلىقى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ تاغىسى ئىكەن.
بۇ مەركەزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە، 17- ماي كۈنى ۋاڭنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانا ئالدىدا نامايىش قىلغان ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا بىرنەچچە نامايىشچى يارىلانغان، 30غا يېقىن ئادەم قولغا ئېلىنغان ۋە جيۇ لوڭ ساقچىخانىسىدىكى بەش ساقچى ۋە ساقچى باشلىقى توختىتىپ قويۇلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتتە، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرنى قامال قىلىش ئۈچۈن تېلېفۇن ۋە ئىنتېرنېت سىم يوللىرىنى ئۈزۈۋەتكەن بولغاچقا ۋاڭنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەم نامايىشنىڭ جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا ئىمكان بولمىغان.
تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىلا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ماشىنىلارنى ئۆرۈپ نامايىش قىلغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي جەمئىيىتىدە ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىچكى موڭغۇلدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 12 ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى جازالىدى
- جېڭجو شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- خىتاي دېھقانلار "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى"گە قارشى يەنە نامايىش قىلدى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- خوڭكوڭدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە ماتەم بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كەيپىيات يەنىلا جىددى
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا