خوڭكوڭدا پۇقرالار ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى


2005.07.01

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خوڭكوڭ خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 8 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر چاغدا، خوڭكوڭ پۇقرالىرى ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى. تەبرىكلەش پائالىيىتى بىلەن نامايىش بىر كۈنگە توغرا كەلدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلقى نامايىشنىڭ كۆلىمى ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا چوڭ ھېساپلانمايدىكەن. ساقچىلار، نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ 11 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار نامايىشقا 45 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2003 - يىلى 1 - ئىيۇندا خوڭكوڭ بويىچە 500 مىڭ كىشى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ تۈپ قانۇندىكى 23 - ماددىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىنى رەت قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە خوڭكوڭ بويىچە ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ پۇقرالىرىدا دېموكراتىيىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارىتا ئىشەنچىسى ئازايغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش كاتىپى زېڭ مىڭچۈئەننى دوڭ جيەنخۇئانىڭ ئورنىغا خوڭكوڭ باغ مەمۇرىي ئەمەلدارى قىلىپ تەيىنلىدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.