خىتاي، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىدى

پەيشەنبە كۈنى خىتايدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەنجىڭ شەھىرىدىكى تىنچلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا "نەنجىڭ تىنچلىق خىتابنامىسى" ئوقۇلۇپ، 1937-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن.

13-نويابىر كۈنى يەنە يېڭىدىن ياسالغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە سارىيىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن شۇنىڭدەك يېڭىدىن تىكلەنگەن قارا تامغا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنىڭ 300 مىڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن خاتىرە خەتلىرى يېزىلغان.

شۇ كۈنى يەنە پۈتۈن نەنجىڭ شەھرىدە جىددىي ۋەزىيەت سىگنالى چېلىنىپ، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تەرەپنىڭ يېزىشىچە، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى 1937-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى نەنجىڭغا باستۇرۇپ كىرگەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسى 300 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى دەھشەتلىك ئۆلتۈرگەن، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە تالان-تاراج قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق، خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ياپونىيە بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە تۇتقان بولۇپ، بىر قىسىم ياپونىيىلىكلەر 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىكەن ۋە ياكى نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ۋەقەسىنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىكەن. ئەمما، بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي يوسۇندا ئەپۇ سورىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

ھازىر خىتاينىڭ بۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش ئارقىلىق خىتاي مىللىتىنىڭ مىللەتچىلىك روھىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.(ئۈمىدۋار)