خىتاي ھۆكۈمىتى 12 ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى جازالىدى


2007.06.09

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى جېڭجۇ شەھىرىدە خەلقىنىڭ ساقچىلارغا قارشى ئىسيانى ھۆكۈمەتنى، 12 ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى جازالاشقا مەجبۇرلىدى.

ئۆتكەن چار شەنبە كۈنى جېڭجۇ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇششاق تىجارەت ۋە سېتىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر قىزنىڭ، بازار باشقۇرۇش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقى، خەلقنىڭ غەزىبىنى قوزغاپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈزبەرگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئوقۇغۇچى قىزنى ئۇرۇپ ، چىشلىرىنى تۆكۈۋەتكەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت بازار باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، 6 ساقچى خادىمىنى قولغا ئالغان.

خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كۈندىلىك بىر ئىشقا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋىپىسىزلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005‏- يىلى خىتايدا 87000 قېتىم نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. بۇ 2003‏- يىلى يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ % 50 كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.(ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.