خوڭكوڭدا چىقىدىغان " نۇر" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى " فېيخۇئاڭ " ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى زاۋۇتىنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئىشچىلىرى، زاۋۇت دائىرىلىرىنىڭ ئىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەكسىچە مائاشنى ئۆستۈرمەسلىك قىلمىشى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا نەچچە يۈزلىگەن ساقچى ۋە قوراللىق ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا چارلاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەم يارىلانغان ، 5 نەپەر ئىشچى قولغا ئېلىنغان. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى قاتناشقا ئېغىر توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەن.
بۇ ئارىدا يەنە " فېيخۇئاڭ " زاۋۇتىنىڭ تارمىقىدىكى يەنە قول تېلېفونى ياساش زاۋۇتىنىڭ نەچچە مىڭ ئىشچىسى، ئوخشاش سەۋەب بىلەن ئۇدا ئىككى كۈن ئىش تاشلىغان. ھۆكۈمەت قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتكە سېلىپ قاتناش توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.
خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىش تۈزۈمىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالماقتا، بولۇپمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان خىتاي خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن مەيدانغا كېلىدىغان سەتچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ.
چۈنكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى بايقۇت ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەقىدە)