ياپونىيە: خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ياپونىيىلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك
2005.04.11
ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇنىچىرو كويزومى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.
ياپونىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدىكى ياپونىيە سودا شىركەتلىرى قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قوغدىلىدىكەن. شەنبە كۈنى بېيجىڭدا مىڭلىغان كىشى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بوتۇلكا ۋە تاشلار بىلەن بېيجىڭدىكى ياپونىيە باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بېيجىڭدىكى ياپونىيە رېستورانلىرىنىڭ خادىملىرىنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن شۇنداقلا خەلقىنى ياپونىيە تاۋارلىرىنى بايقۇت قېلىشقا چاقىرغان.
ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى توكيودا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "بۇنداق ۋەقەلەر قەتئىي يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن تېرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.
ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار دەسلەپتە بېيجىڭدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ياپونىيىدىكى دەرسلىك كىتابلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. نامايىشچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيىدىكى دەرسلىك كىتابلىرىدىن ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى چىقىرىۋېتىلگەن ئىكەن.
بېيجىڭدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا ئايلاندى. (قانات)