خىتاي دېھقانلىرى ئاشلىق ئېلان قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى
2005.08.31
خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى 100 دىن ئوشۇق خىتاي دېھقانلىرى يېزا باشلىقىنىڭ خىيانەتچىلىكى ۋە يەر - زېمىن ماجىراسىدىكى ناھەقچىلىكلەرنى ئەيىبلەپ، چارشەنبە كۈنى ئاشلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ دېھقانلار گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ تاشى يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇلار نەچچە كۈندىن بۇيان پەنيۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يېزا باشلىقى چېن جىنشېڭنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇلار ھۆكۈمەتتىن ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى ئاشلىق ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
دېھقانلار يېزا باشلىقى چېننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئۇلارنىڭ رۇخسىتى ئالماي تۇرۇپلا، يەر سودىگەرلىرىگە سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا دېھقانلار، ئەگەر ھۆكۈمەت چېننى خىزمىتىدىن بوشاتمىسا، ئۇلارنىڭ ئاشلىق ئېلان قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نامايىشتىكى خۇئاڭ فامىلىلىك بىرىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، چارشەنبە كۈنى 100 دەك ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرى نامايىش مەيدانىغا كەلگەن ھەمدە قول تېلېفوندا پاراڭلاشقان ۋە تېلېفوندا رەسىمگە تارتماقچى بولغان نامايىشچىلاردىن 3-4 ئىنى تۇتۇپ كەتكەن.
فېڭ فامىلىلىك يەنە بىر دېھقان مۇخبىرغا، " ھازىر كىشىلەرنىڭ ئاچچىغى بەك يامان. بىز ھېچنىمىدىن قورقمايمىز. ئەگەر ساقچىلارنىڭ بىزنى تۇتقىسى بولسا، مۇشۇ پۈتۈن يېزىنى تۇتقۇن قىلسۇن" دەپ بىلدۈرگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشقا چىقىشىنى چەكلىدى
- خۇبېيدا ئونمىڭلىغان خەلق خۋاڭشى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى قورشىۋالدى
- خىتاي دېھقانلار يەر - زېمىن داۋاسىدا ھۆكۈمەتنى يەڭدى
- ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى
- غەزەپلەنگەن دېھقانلار مۇھىتقا زىيانلىق بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان