خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە قارشىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنى،" ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان" ۋە "خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆتكەن يىلى ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىقى ئەيىبلەنگەن.
كۇڭ چۈئەن باياناتىدا، "بۇ دوكلات داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق، دىن، تىبەت، شىنجاڭ، ئاياللار ھوقۇقى دېگەندەك مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونى قارىغۇلارچە ئەيىبلىدى" دېدى.
ئەمما يىگىرمە ئەزادىن تەركىب تاپقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوكلات ھەقىقەت بولۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن تۈزۈلمە ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئاساسىدا چىقىرىلغان. (ئارزۇ)