خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 11 - ئايدا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جىڭپىڭنىڭ پرېزىدېنت چېن شۈيبيەنگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ۋاڭ جىڭپىڭنى رەت قىلىشىدا ھېچقانداق بىر سەۋەبى يوق، دەپ كۆرسەتتى.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى يوي يىنلوڭ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئا ت ئو ئى ھ ت نىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش روھىنى مەقسەتلىك بۇرمىلاپ، رىئاللىققا كۆز يۇمۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنى خاتا يولغا باشلاش بىلەن ئەيىبلىدى.
يوي يىنلوڭنىڭ تەكىتلىشىچە، تەيۋەن مەركىزىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى لى يۈئەنجىي بىلەن تەيۋەن بوغۇزى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گو جېنفۇلار ئىلگىرى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى APEC نىڭ يىغىنىغا تەيۋەنگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. ئۇ، " شۇڭا جۇڭگو تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە زىت " دەيدۇ.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى 11 - ئايدا چاقىرىلىدۇ. يىغىندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاينى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)