ئىران دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئىراندىن يىلىغا 10 مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش پىلانى ئۈستىدە تېھران بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران نېفىت مىنىستىرى خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنى ئىران نېفىت سانائىتىگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن. ئىران بىلەن بولغان نېفىت ھەمكارلىقى گۈللىنىش باسقۇچىدىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئاچلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇشى مۈمكىن. خىتاينىڭ ئىراندىن تەبىئىي گاز سېتىۋىلىشىنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى، ئىران نېفىت مىنىستىرى زانگانېخ بېيجىڭدا ئاشكارلىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئىراننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغان تېھراننى يېڭى تېخنىكا ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ قارىماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا خىتاي ئۆتكەن يىلى ئىراندىن 85 مىليون ۋارىل خام نېفىت ئىمپورت قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ بىر نېفىت شىركىتى بۇ يىل 3 - ئايدا ئىران بىلەن يىلىغا 2.5 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش بويىچە 20 يىللىق مۇددەت بىلەن 20 مىليارد دوللارلىق توختام تۈزگەن.
خىتاي شاڭخەينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش پىلانىدىكى تارىم شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان ئىدى. يېقىندا شاڭخەينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان مەزكۇر قۇرۇلۇش مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەنقىتىگە ئۇچراشقا باشلىدى. گاز تەنەرقىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇتەخەسىسلەر "تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى بازار ئىقتىسادىنى كۆزدە تۇتمىغان" دەپ تەنقىتلىمەكتە . (ئەركىن)