بېيجىڭ، رۇسىيە يۇگانسكىي نېفىت گاز شىركىتىنى سېتىۋېلىش ۋەقەسىگە ئارلاشقانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى رۇس نېفىت شىركىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، يۇگانسكىي نېفىت گاز شىركىتىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ، "جوڭگو، رۇس نېفىت شىركىتىنىڭ يۇگانسكىي نېفىت- گاز شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمىدى،" دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئالدىدا رۇسىيە تەرەپ رۇس نېفىت شىركىتىنىڭ خىتايلار تەمىنلىگەن 6 مىليارد دوللار بىلەن يۇگانسكىي نېفىت - گاز شىركىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى رەت قىلغان. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرى، قەرز پۇل رۇس نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت قېزىش مەشغۇلاتى ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇگانسكىي نېفىت گاز، خۇسۇسىلار ئىگىلىكىدىكى يۇكوس نېفىت شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رۇس نېفىت شىركىتى "كىم ئاشىدۇ" بازىرىدا يۇگانسكىي نېفىت گاز شىركىتىنى "بايقال مالىيە گۇرۇھى" دەپ ئاتالغان بىر شىركەت ئارقىلىق 9 مىليارد دوللارغا سېتىۋالغان.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتايلارنىڭ يۇگانسكىي نېفىت گازنىڭ ھەسسىدارى بولۇش شەرتى بىلەن رۇس نېفىت شىركىتىنى 6 مىليارد دوللار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يۇگانسكىي نېفىت گاز شىركىتىنى سېتىش ۋەقەسى ئامېرىكا- رۇسىيە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش ياراتقان. (ئەركىن)