تەيۋەن، خىتاينىڭ نېفىت قىدىرىش پاراخوتلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى

تەيۋەن ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىگە چىققان ئاراللارغا يېقىن جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت قىدىرىش پاراخوتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قىلغان ئاگاھلاندۇرىشىدا يەنە، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئاساستا، بۇ رايونلاردا نېفىت قىدىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇشىنىڭ تەيۋەننىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن پاراخوت ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى بويىدىكى تەبىئىي گاز ۋە باشقا بايلىقلىرى مول بولغان بىر قىسىم ئاراللارنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنى يەنە، خىتاي ۋە ۋېيتناممۇ ئۆزىگە تەۋە دەپ تالىشىدۇ. (پەرىدە)