خۇ جىنتاۋ تېخىمۇ كۆپ نېفىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن قازاقىستانغا بارماقچى
2005.06.29
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۆلىتىدە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ خام نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدە رۇسىيە بىلەن قازاقىستانغا زىيارەتكە بارماقچى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۆتكەن يىلى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت بىلەن ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاران 50 نەچچە پىرسەنتىنى قاندۇرالىغان. شۇڭا خىتاي نۆۋەتتە نېفىت ئىمپورتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى نېفىت ئىستراتېگىيىسىنى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بۇراپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا شەرق نېفىتىغا تايىنىپ قېلىشىغا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ياپونىيە ھەر ئىككىلىسى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە تۇتاشتۇرۇشنى تالىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە گەرچە دەسلەپ بۇ تۇرۇبىنى ياپونىيىگە تۇتاشتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە تېخى ئېنىق بىر قارار چىقارمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، قازاقىستان بىلەن بولغان نېفىت ئالاقىسىغا كۆپ ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياساشقا قوشۇلغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ تۇرۇبا قۇرۇلۇشى مۇشۇ يىلنىڭ ئىچىدە پۈتمەكچى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىنى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش رايونىغا ئايلاندۇرماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇپ قالىدىكەن
- خىتاينىڭ Unocal نى سېتىۋېلىش ئارزۇسى سىياسى توسالغۇغا دۇچ كەلدى
- خىتاي نېفىت شىركىتى، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي، ش ھ ت غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى