خىتاي بىلەن ھىندىستان، قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ


2005.06.30

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭگو نېفىت شىركىتى بىلەن جوڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز شىركىتى، ھىندىستان نېفىت - تەبىئىي گاز كوپىراتىپى بىلەن قازاقىستان نېفىت شىركىتى پېترو - قازاقىستاننى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشىدىكەن. بۇ ئۈچ شىركەت پېترو - قازاقىستاننى سېتىۋېلىش مۈمكىنچىلىكى زور شىركەتلەر، دەپ قارالماقتا. ئۇلار پېترو قازاقىستانغا خېرىدار بولىدىغانلىقىنى جاكالىغان. پېترو - قازاقىستان قازاقىستاندا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان كانادا شىركىتى.

پىپېترو - قازاقىستاننىڭ ھازىرقى بازار تەنەرقى 2 مىليارد 600 مىليون دوللار بولۇپ، جوڭگو نېفىت شىركىتى پېترو - قازاقىستاننى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن. چۈنكى جوڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى نېفىتلىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى ئۆتۈدىغان رايونلارغا توغرا كېلىدىكەن.

ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى ئوتتۇرا قازاقىستاننى ئالاتاۋ ئېغىزى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مايتاغ رايونى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ. مەزكۇر نېفىت تۇرۇبىسى خىتاينى يىلدا 20 مىليون توننا نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

جوڭگو نېفىت شىركىتى قازاقىستاندا خام نېفىت زاپىسى 431 مىليون ۋارىل كېلىدىغان بىر نېفىتلىك بىلەن، تەبئىي گاز زاپىسى 150 مىليارد كۇپ مېتىر كېلىدىغان بىر تەبىئىي گازلىقنى كونترول قىلماقتا. ئەمما رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ۋلادىمىر شكولنىك، " قازاقىستاندا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەر مال - مۈلكىنى ساتماقچى بولسا، ئالدى بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.