خىتاي بىلەن ھىندىستان قازاقىستاننىڭ نېفىتىنى تالاشماقتا


2005.08.16

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركەتلىرى نۆۋەتتە، قازاقىستاندا نېفىت مەيدانىغا ئىگە بولغان كانادانىڭ بىر نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشنى تالاشماقتا.

كانادانىڭ بۇ پېترو-قازاقىستان دەپ ئاتالغان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى 3 مىليارد 2 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھا قويغان، ھىندىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى بولسا، خىتايدىن 400 مىليون دوللار ئۈستۈن باھا قويۇپ، 3 مىليارد 6 يۈز مىليون دوللارغا ئۆستۈرگەن. لېكىن پېترو-قازاقىستان قايسىسىنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلىشنى تېخى بېكىتمىدى.

خىتاي شىركىتى ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتۋېلىش ئۈچۈن يۇقىرى باھا قويۇپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىدىن تۆۋەن باھا قويغان ئامېرىكىنىڭ شېۋرون نېفىت شىركىتىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن، باھانى يۇقىرى قويۇشنىڭ بىردىن-بىر چارە ئەمەسلىگىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

"نيۇ-يورك ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىم ساقلاش مەقسىتىدە قازاقىستانغا خېلىدىن بېرى خۇشامەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى يازغان. شۇنداقلا خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ سودىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.

دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى تېز ئېشىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ نېفىت بايلىقى ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ كۆزى چۈشىدىغان مۇھىم رايونغا ئايلاندى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.