خىتاي نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا


2005.09.11

بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئانالىزچىلار، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئاستىلىتىپ قويۇشى، ھەتتا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جىشىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سودا مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە "مەن ئېتىراپ قىلىمەنكى، نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە جۇ جىشىن تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ھازىر خىتايدا ھەقىقەتەن ئىقتىساد ئاستىلاپ قېلىش ۋە پۇلنىڭ پاخاللىشىش ئامىللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادى، باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭكىدەك نېفىتقىلا تايىنىپ قالغان بولمىسىمۇ، لېكىن نېفىت باھاسى بۇنداق ئېشىۋەرسە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى روشەن توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. بۇ، ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلىسىگە ئايلانماقتا.

خىتاي دۇنيا بويىچە نېفىت ئىستىمال قىلىشتا، ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ كۈنىگە 3 مىليون 700 مىڭ باك نېفىت ئىمپورت قىلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.