خىتاي چەتئەلدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى
2007.03.01
سەيشەنبە كۈنى، خىتاي ئۆزىنىڭ چەتئەل نېفىتلىرىگە بىخەتەر ئېرىششتىكى ۋاسىتىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي شىركەتلىرىنى مەبلەغ سېلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان 9 دۆلەتنى ئۆز تىزىملىكىگە قوشتى.
خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نېفىت ۋە گاز قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلىرى، كۇۋەيت، لىبىيە، نىگېرىيە، نورۋېگىيە، ئېكۋادور ۋە بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باج كەچۈرۈم قىلىشقا ئېرىشىدىكەن. لېكىن، خىتاينىڭ تىزىملىكىدىكى كۆپىنچى دۆلەتلەر مەخسۇس نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئەمەس ئىكەن.
خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركەتلىرى، چەلئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىليونلاپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ يېڭى تىزىملىكتىكى دۆلەتلەردە مەشغۇلات باشلاپ بوپتۇ. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى كونا تىزىملىكى 2004 - ۋە 2005 - يىللىرىمۇ ئىلان قىلىغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ 10مىليارد كۇپ لىتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز ۋە نەچچە مىليارد كۇپ لىتىر نېفىت يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيادىكى چوڭ نېفىت شىركەتلىرى خىتاي نېفىت بازارلىرىغا كىردى
- خىتاي نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان
- خىتاي -تۈركمەنىستاندىن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى
- خۇ جىڭتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ
- تۈركمەنىستان رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى