خىتاي نېفىتلىگىنىڭ جىلىندىكى خېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى


2005.11.13

يەكشەنبە كۈنى خىتاي نېفىتلىگىنىڭ جىلىندىكى بىر خېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 50 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە بۇ سەۋەپتىن زاۋۇت ئەتراپىدىكى 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان. لېكىن ھازىرغىچە ئۆلگەنلەر بايقالمىغان.

پارتلاش ۋەقەسى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي نېفىتلىگىنىڭ جىلىندىكى 101 - خېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاش ھەتتا 200 مېتىر يىراقلىقتىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ دېرىزىلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي چېقىۋەتكەن. شۇنداقلا پارتلاشتىن كېلىپ چىققان قويۇق ئىس-تۈتەك نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى جايلارنىمۇ قاپلاپ كەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ زاۋۇتتا پۈتۈنلەي خېمىيىلىك سۇيۇقلۇقلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە يەنە پارتلاش يۈز بېرىشىدىن ۋە زەھەرلىك گازلارنىڭ ئادەملەرگە زىيان يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ئەتراپتىكى 10 مىڭغا يېقىن خەلقنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈپ، باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرغان.

گەرچە ھازىر دوختۇرخانىدا 50 نەچچە كىشى داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پارتلاش رايونىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالغاچقا، يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىغان. ھازىر بۇ پارتلاشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىمۇ تېخى ئايدىڭ ئەمەس. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.