خىتاي ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 1937 - يىلى نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى خاتىرىلەپ بىر كۈن ئۆتمەيلا، ياپونىيىلىك كىنو رېژىسسورى ساتورۇ مىزۇشىما " نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ئويدۇرما"، دەپ كۆرسەتتى ۋە "ياپونىيىلىكلەر نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىغانلىقىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشى كېرەك،" دەپ ئەسكەرتتى.
ساتورۇ مىزۇشىمانىڭ " نەنجىڭ ھەققىدىكى ھەقىقەتلەر"، دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمى كېلەر يىلى 1 - ئايدا رەسمى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مىزۇشىما فىلىمدە ياپونىيە قوشۇنىنىڭ 1937 - يىلى نەنجىڭنى ئىگىلىگەندە 300 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلارنى رەت قىلىدىغان تارىخىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جۈمە كۈنى توكيودىكى بىر يىغىندا "بۇ يەردە رەت قىلغۇسىز پاكىتلار بار، نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق بولغان ئەمەس،" دەپ تەكىتلىگەن مىزۇشۇما،" بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ياپونىيە بىر ياۋايى (ۋارۋار) دۆلەت دېگەن تۇيغۇدا چوڭ بولۇشىنى خالىمايمىز،" دەيدۇ. مىزۇشىمانىڭ فىلىمى ياپونىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ نەنجىڭگە كىرىۋاتقان چاغدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر شۇنداقلا شۇ چاغدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ياپونىيىلىك ئەسكەرلەرنىڭ بايانلىرىغا يەر بەرگەن.
مىزۇشىمانىڭ فىلىمى ياپونىيە ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى خىگاشىناكو تەييارلىغان ماتېرىيالغا ئاساسەن سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروفېسسور خىگاشىناكو ئەينى يىللىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سوت كوللېگىيىسى 142 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، دەپ كېسىم چىقارغانلىقىنى، لېكىن بۇ سان شۇ چاغدا نەنجىڭدە ياشىغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ پەرىزىگە تايىنىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى " نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى" نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، مىزۇشىمانىڭ فىلىمى خىتاي ياپونىيە ئارىسىدا يەنە بىر مەيدان تالاش- تارتىش قوزغاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)